ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر پەيشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا ئامېرىكا ۋەكىلى كېيس خارپېر: «بىز خىتاينىڭ چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى قانۇنى ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تېخىمۇ قاتتىق بوغۇشىدىن، ئۇنىڭ دىنىي ئىبادەتنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ كونترول قىلىشىدىن، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە خرىستىئانلاردىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى خىتايدا ئادۋوكاتلارنىڭ، پائالىيەتچىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «يېقىندا ماقۇللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى قاتارلىق بىر يۈرۈش دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنلىرى خىتاينىڭ ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قارىتا جىددىي سوئاللارنى پەيدا قىلدى.»
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى يەنە، خىتاينى دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.
ئۇ يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئاقتاشلىق كىتابى» دا، «شىنجاڭ ھازىر دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرىنى ياشاۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.