ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى خىتاينى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىشنى توختىتىشقا چاقىردى

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» ناملىق ئۇيغۇر تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەن جازاسىنى توختىتىشقا، ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ماسلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

مەزكۇر بايانات 24‏-ئىيۇن «خەلقئارا تەن جازاسى قۇربانلىرىغا ياردەم بېرىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

باياناتتا كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيتوف مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەن جازاسىغا خاتىمە بېرىش ۋاقتى كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلانغان ماتېرىياللار خىتاينىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى سەمىمىيەتسىزلىكىنى يېتەرلىك كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا مۇۋاپىق تۆلەم تۆلىنىشى ۋە تەن جازاسى سادىر قىلغۇچىلار جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.»

باياناتتا يەنە، ب د ت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار نىزاملىرىدا تەن جازاسى قاتتىق چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا تەن جازاسىنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، «بۈگۈنگە قەدەر خىتاي چېگراسى ئىچىدە ياكى شەرقىي تۈركىستاندا تەن جازاسىنى چەكلەيدىغان ئۈنۈملۈك بىر مېخانىزم ئورنىتىلىپ باقمىغان» لىقىنى تەكىتلەنگەن.

ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرېد نوۋاك 2005‏-يىلى بېيجىڭ، لاسا، ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتايدا «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسا تەن جازاسى ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق مەۋجۇت» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتايدا تەن جازاسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.