خىتايدىكى بىر قىسىم ئورۇنلاردا كورونا ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتىنى تەكشۈرۈش سىنىقى قايتا باشلانغان

خىتاينىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدىكى دوختۇرخانا ۋە قاتناش مەركەزلىرىدە كورونا ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتىنى تەكشۈرۈشىنىڭ قايتا باشلانغانلىقى مەلۇم.

رادىيومىزنىڭ بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەردىن ۋە ھۆكۈمەت چىقارغان ئۇقتۇرۇشلاردىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭدا نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بىلەن دوختۇرغا كېلىۋاتقان بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، دائىرىلەر كورونا ۋىرۇسى سىنىقىنى قايتىدىن باشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى خەۋەرلىرىدە خىتايدا ئۆپكە ياللۇغى ۋە باشقا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا كوكېل مېكوپلازما ئۆپكە ياللۇغى، نەپەس يولى بىرىكمە ۋىرۇسى، پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكام ۋە COVID-19 قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بىراق ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشلاردا، كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ يېڭى دولقۇنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى پورت ۋە ئايرودۇرۇملاردا، مەكتەپ، ساناتورىيە ۋە باشقا ئورۇنلاردا ۋىرۇس سىنىقىنى ۋە كېسەللىكلەرنى نازارەت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان ئىكەن.

بېيجىڭدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاھالىنىڭ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە قىلغان سۆزىدە قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىدا جىددىي داۋالىنىۋاتقان قىزىغا كورونا سىنىقى قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، «خەۋەرلەردە كورونا ۋىرۇسىنى تىلغا ئالمىغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋىرۇسنىڭ شەكىل ئۆزگەرتكەن يېڭى نۇسخىسى كەڭ تارقىلىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.» دېگەن.

يەنە بىر بېيجىڭ ئاھالىسىمۇ چوڭراق ۋوگزال ۋە خەلقئارا ئايرودۇرۇملاردا ۋە بەزى يىغىن مەيدانلىرىدا ھەقسىز كورونا سىنىقى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئاھالىلەر ۋىرۇس سىنىقىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئىلگىرىكىدەك «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى بىلەن كىشىلەرنى ئايلاپ ئۆيگە سولىتىۋېتىدىغان تەدبىرلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ئەندىشىلەنمەكتىكەن.