شىمالىي خىتايدا يەنە بىر قېتىم مۇھىت ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى

2016-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە يەنە قىش پەسلىدىكى تۇمانلىق ھاۋارايى ھادىسىسى باشلىنىپ، قىزىل، سېرىق رەڭلىك مۇھىت بۇلغىنىش ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

2-دېكابىر جۈمە كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ھاۋارايى ئىدارىسى قېنىق سېرىق رەڭلىك مۇھىت بۇلغىنىش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي خىتاي رايونىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردە كەلگۈسى 3 كۈن ئىچىدە قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايى كىلىماتى يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەردە دەرس توختاپ، ئاھالىلەرنى جىددىي ئىشى بولمىسا سىرتقا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خېبىي ئۆلكىسىدىكى 8 ئورۇندا ھەتتا قىزىل رەڭلىك مۇھىت بۇلغىنىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر رايونلاردىكى مۇھىت بۇلغايدىغان پولات‏-تۆمۈر، سېمونت زاۋۇتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىش، بىر قىسىم ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى زاۋۇت، فابرىكىلارنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىۋاتقان كېرەكسىز گازلىرىنى 50% ئازايتىش، شەھەر كوچىلىرىدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا جۈپ ۋە تاق نومۇر تاختىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئېلان قىلىندى.