خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2018-يىللىق ئىچكى مۇقىملىق خام چوتىنىڭ 5.5 پىرسەنت ئۆستۈرۈلۈپ، ئاز كەم 200 مىليارد دوللارغا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىچكى مۇقىملىق خام چوتىدىكى بۇ ئارتىش خىتايدا بولۇپمۇ تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىك ۋە ئېلېكترونلۇق كۆزىتىشنىڭ قانچىلىك كۈچەيگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكى مۇقىملىق سېلىنمىسىنى ئالدىنقى يىلقىدىن 92.5 پىرسەنت ئاشۇرۇپ، ئاز كەم 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن.
دائىرىلەر مەزكۇر رايوندا تورغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ چىققان. يۇقىرى سەۋىيەلىك كۆزىتىش كامېراسى ۋە يۈز تونۇش ئاپپاراتلىرىنى ئورنىتىپ، ئاپتوموبىللارغا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىز قوغلاش ئەسۋابلىرىنى بېكىتكەن. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان ئىدى.
بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىملىق خام چوتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى غايەت زور بىخەتەرلىك سېلىنمىسى بۇ رايونلاردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پۇل تېپىش يولىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى، بۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.
خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىچكى مۇقىملىق خام چوتى 2011-يىلدىن بېرى ئىزچىل ئېشىپ، ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىدىن ئارتىپ كەتكەن.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خەلقنىڭ قان تىپى ئۆرنەكلىرىنى توپلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ DNA ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇشى ئۇنىڭ بۇ رايوننىڭ ئىچكى مۇقىملىق سېلىنمىسىنىڭ ئارتىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى ۋاسىتىلەرنى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى يوقىتىشتا زۆرۈر، دەپ قارىسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېغىر مىللىي كەمسىتىش بۇ رايونلاردىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.