خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ كىنىشكىلىرىنى يىغىۋالماقچى بولغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تۇپرىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بەش ئاساسلىق خىتاي ئاخبارات شىركىتىنىڭ خاراكتېرىنى «چەتئەل ۋاكالەتچى شىركىتى» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە خىتايدىكى بىر قىسىم ئامېرىكا ئاخباراتچىلىرىنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى ئون كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 18-مارتتىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» قاتارلىق بەش گېزىتنىڭ بارلىق مۇخبىرلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تولۇق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇشى، يۇقىرىقى ئۈچ گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرى ئون كۈن ئىچىدە مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇشى لازىم ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن 160 كىشىلىك ئاخبارات قوشۇنىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئامېرىكادا مۇخبىرلىق قىلمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئوخشىمىغان سورۇنلاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ سانىغا چەك قويغان ئىدى.