خىتاي ئامېرىكالىق مۇخبىرلارنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ ئۈچ چوڭ خەۋەر ئورگىنىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ئاخبارات گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى»، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئىشلەيدىغان ئامېرىكالىق مۇخبىرلارنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەتكەس بولىدىغان خىزمەت كىنىشكىلىرىنى 10 كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەدبىر خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكالىق مۇخبىرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى خىتاي چەتئەللىك مۇخبىرلارغا خىزمەت كىنىشكىسىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم يېڭىلاش تەلىپىنى قويۇپ كەلگەن. قىسمەن ئەھۋاللاردا مۇخبىرلارنىڭ ئالتە ئايدا بىر قېتىم، ھەتتا ئايدا بىر قېتىم يېڭىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئەھۋاللارمۇ بولغان ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى بۇ مۇخبىرلارنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېندىمۇ خىزمەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن.

خىتاي يەنە «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «دەۋر» ژۇرنىلىنىمۇ خىتايدىكى خىزمەتچىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى، مالىيە، تىجارەت ۋە ئۆي-مۈلۈككە ئائىت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇغان.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى سەيشەنبە كۈنى تىۋىتتىر ئارقىلىق تارقاتقان باياناتىدا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى. NSC مۇنداق دەپ يازدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ژۇرنالىستلارنى خىتاي ۋە خوڭكوڭدىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى خىتاي خەلقىنى ۋە دۇنيانى خىتاي توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلاردىن مەھرۇم قىلىشتىكى يەنە بىر قەدەم».

ھالبۇكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قارارنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىدىن ئامېرىكادىكى خىزمەتچى سانىنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۆتكەن ئاي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي خەلقئارا رادىئوسى، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى ۋە «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىق 4 ئورگاننى «دۆلەت ۋاكالەتخانىسى» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن ئامېرىكادىكى 160 نەپەر خىزمەتچىسىنى 100 نەپەرگە قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئامېرىكا تەرەپ بۇ تەدبىرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ 3 نەپەر مۇخبىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولسا خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى 4 ئورگىنىنىڭ مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ خىتايدا بولۇۋاتقانلاردىن خەۋەردار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى» دېگەن.

«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى»، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق ئورگانلارمۇ بۈگۈن 18-مارت رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادە قىلدى ۋە بۇنى پىكىر-ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر تەھدىت، دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىمۇ 18-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ قارارىدىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىردى.