مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى: «مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلىنغان دۆلەت-خىتاي»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.04.21

ئامېرىكىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى 21-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى خەلقئارادا مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلىنغان دۆلەتلەر ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

خىتاي 2014-يىلدا مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلىنغان 10 دۆلەت ئىچىدە 8-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى خىتايدا جەمئىي 44 مۇخبىر قولغا ئېلىنغان. دوكلاتتا يەنە، شىمالىي كورېيە، ئىران، ئەزەربەيجان، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ مۇخبىرلارغا قارىتىلغان تەقىب قىلىش ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان قولغا ئېلىنغان مۇخبىر، يازغۇچىلارغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەققىدە توردا يالغان خەۋەر تارقىتىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەتلەرنى ئارتىپ، جازالاپ كەلمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەقىقەتتە تۇرۇپ، راست گەپ قىلغان مۇخبىر، يازغۇچىلارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىققا، تۈرمىدىكى بارلىق «ۋىجدان مەھبۇسلىرى»نى قويۇپ بېرىشكە چاقىرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.