مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى يەنى 2016-يىللىق ئەركىن خەۋەر مۇكاپاتى بېرىلىدىغان مۇخبىرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئىسمىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى 18-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئۆز تور بېكىتىدە بايانات بېرىپ، 2016-يىللىق ئەركىن خەۋەر مۇكاپاتى بېرىلىدىغان تۆت مۇخبىرنىڭ مىسىر مۇخبىرى ماخمۇد ئابۇ زەئىد، ھىندىستان مۇخبىرى مالىنى سۇبرامانىئام، تۈركىيە مۇخبىرى جان دۈندار، ۋە سالۋادور مۇخبىرى ئوسكار مارتىنېز قاتارلىق تۆتەيلەن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرلار قوغداش جەمئىيىتى بۇ ھەقتىكى بايانداتىدا، 2016-يىللىق ئەركىن خەۋەر مۇكاپاتى بېرىش قارار قىلىنغان بۇ تۆت نەپەر مۇخبىرنىڭ ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆزلىرىگە كەلگەن تەھدىت، بېسىمغا ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىگە قارىماي، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا مۇھىم ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ بۇ يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.