چارشەنبە كۈنى خىتاي سوتى تەرىپىدىن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ژۇرنالىست ۋاڭ جيەنمىڭنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز دىپلوماتلىرىنىڭ ۋاڭ جيەنمىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋاڭ جيەنمىن ۋە گو جۇڭشياۋ ئىسىملىك ژۇرنالىستلار خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئاسىيا ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار 2014-يىلى شېنجېندا تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ ئىككى ژۇرنالىست ئىلگىرى خوڭكوڭدا كۆپىنچە ھاللاردا خىتاي يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالىدىغان «يېڭى يول ئايلىق ژۇرنىلى» ۋە «چىرايلار» ناملىق ئىككى پارچە ژۇرنالنى چىقارغان ئىكەن. سوتتا ئۇلارنىڭ چىقارغان نەشر بۇيۇملىرى «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى» دەپ ئاتالغان ۋە ئۇلار بۇ ژۇرناللارنى خىتاي ئىچىدىكى دوستلىرىغا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن «قانۇنسىز سودا قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
شېنجېن سوتى ۋاڭ جيەنمىنگە 5 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربىي ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ۋاڭنىڭ سوتىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى كۆرۈش تەلىپىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋاڭ جيەنمىڭنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ۋاڭنىڭ خوڭكوڭدا ئولتۇراقلىشش كىنىشكىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇ خىتايغا كىرگەندە ئۇشبۇ كىنىشىكىسىنى قوللانغان ئىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى قوش پۇقرالىقنى تونۇمىغانلىقى ۋە ۋاڭ جيەنمىڭ خىتايغا تەۋە بولغان خوڭكوڭنىڭ كىنىشكىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ خىتايغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى خىتاي پۇقراسى قاتارىدا سوتقا تارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
