باش شتابى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەۋەسىدە مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان چەتئەل ئاخباراتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭدەك بۇنى چەتئەل ئاخباراتچىلىرىنىڭ خىتايدا تەقىب قىلىنىشىدىكى ئەڭ يېڭى مىسال، دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كانادادىكى «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ناسان ۋاندېركلىپنىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنى يەكەندە تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ مۇخبىرى يې بىڭنىڭ 14-ئاۋغۇستتا تيەنجىن شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنىشى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ناسان يەكەندە ئۈچ سائەت تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى تارتىۋالغان ھەمدە 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياتىقىغا قەدەر ئارقىسىغا ئادەم سېلىپ قويغان.
باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى قاتتىق ئەيىبلىنىپ «قانۇنلۇق بىر ئاخباراتچىنى تۇتقۇن قىلىش ئۇچىغا چىققان يولسىزلىق. ئۇلارنىڭ مۇخبىرلىق ئەسۋابلىرىنى تارتىۋېلىش بولسا ئۇلارغا ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىغا يول ئاچىدۇ. بۇ بولسا ئاشۇ كىشىلەرنى بالاغا تىقىشى مۇمكىن» دېيىلىدۇ.
باياناتتا يەنە، بايدىكى كۆمۈركان ۋەقەسى ھەققىدە ماقالە يازغان ئۇرسۇلا گوتىير، «ئەل جەزىرە» نىڭ ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ھەققىدە مەلۇمات تەييارلىغان مۇخبىرى مېلىسا چاڭ قاتارلىقلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرىغا دۇچ كەلگەنلىكى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.