بۇندىن 5 ئاي ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «يالغان خەۋەر تارقىتىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش» جىنايىتى ئارتىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان خىتايدىكى «4-ئىيۇن تەڭرى تورى» نىڭ ئىككى نەپەر ئەركىن مۇخبىرى خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بۇ ھەقتىكى خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى پارىژدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 8-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق «خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ يىل ياز پەسلىدە تۇتقۇن قىلىنغان خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكىتى «4-ئىيۇن تەڭرى تورى» نىڭ يازارلىرى لۇ ليۈ ۋە لى تىڭيۈ قاتارلىق ئىككىيلەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقان خىتاي جەمئىيىتىدىكى ھەقسىزلىقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان پىداكارلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا 2016-يىللىق «پۇقرا مۇخبىرلار ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.