خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى پۇ جىچياڭغا سوت ئېچىلغان كۈنى، مەھكىمە سىرتىدىكى چەتئەل دىپلومات ۋە مۇخبىرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى دىپلوماتىك نارازىلىققا ئۇچرىدى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.
پۇ جىچياڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدا سوتلانغان. سوت كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتى، ب ب س قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلار سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ، پۇ جىچياڭنىڭ سوتىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇ تەلەپ رەت قىلىنغان.
خىتاي ساقچىلار سوت مەيدانى سىرتىدىكى چەتئەل دىپلوماتلىرىنى ۋە مۇخبىرلىرىنى ئىتتىرىپ، ئۇلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ھيۇگو سۋېر چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيە ئاخباراتلىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، «بۇ خىل خاھىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى خىتاي دائىرىلىرىگە شەخسەن ئېنىق يەتكۈزدۇق» دېگەن.
ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
ئەلچىخانىنىڭ باياناتىدا، «بېيجىڭدا دىپلوماتلار ۋە ژۇرنالىستلارغا جىسمانىي قوپال مۇئامىلىدە بولۇش قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېيىلگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دىپلومات ۋە ژۇرنالىستلارغا قىلغان پاراكەندىچىلىك ھەرىكىتىنى «قورقۇنچلۇق» دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «خىتاينىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىش ھەققى يوق» دېگەن.