مەركىزى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى چېگراسىز مۇخبىر تەشكىلاتى 29-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2015-يىللىق دوكلاتىدا، بۇ يىل دۇنيا بويىچە تۈرمىگە قامالغان 153 مۇخبىرنىڭ 23 نەپىرى خىتايدا ئىكەنلىكىنى، 22 نەپىرىنىڭ مىسىردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا يەنە پۈتكۈل يەر شارى بويىچە 110 نەپەر مۇخبىرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 63 نەپىرىنىڭ مۇخبىرلىق قىلىۋاتقاندا ئۆلگەنلىكى، 34 نەپىرىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق ئەمەسلىكى ئېلان قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە 2015-يىلدا جەڭ مەيدانى رايونلىرىدىن ئىراقتا 11 نەپەر، ۋە سۈرىيەدە 10 نەپەر مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، فىرانسىيە 2015-يىلى 1-ئايدا يۈز بەرگەن «چارلىز ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ھۇجۇم ۋەقەسىدە 8 مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ھىندىستاندا 9 مۇخبىرنىڭ قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەدبىر قوللىنىپ، مۇخبىرلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە خەۋەر ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكى، مەخسۇس خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى قوغداش قانۇنى چىقىرىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
بۇ يىل 15 دېكابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى مۇخبىرلار تەشكىلاتىمۇ 2015-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 2015-يىلى 1-يانۋاردىن 1-دېكابىرغىچە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان مۇخبىرلار سانى دۇنيا بويىچە 199 نەپەر، ئۇلاردىن 153 نەپىرى تۈرمىگە قامالغان، 46 نەپىرى تۇتقۇن قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلارنىڭ سانى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلار 23 نەپەر، باشقا ناملاردا تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلار 26 نەپەر بولغان.