كانادا مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى خەلقئارالىق مۇخبىرلارغا قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.
23-ئاۋغۇست خىتاي ساقچىلىرى كانادادىن چىقىدىغان «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ناتان ۋەندىركلىپپىنى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدا تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنى 3 سائەت تۇتۇپ قالغان. بۇ جەرياندا ئۇ سوراق قىلىنغان، ئۇنىڭ سومكا، كامېرالىرى ئاختۇرۇلغان ۋە كومپيۇتېرى تارتىۋېلىنغان.
«يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى» يۇقىرىقى تەپسىلاتلار بېرىلگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ناتان ۋەندىركلىپپى ئېلىشقۇ بازىرىدا يەرلىكلەرنى رايوندىكى خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە زىيارەت قىلىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان.
باش شتابى نيۇيورك شەھىرىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى ياردەمچىسى ستېۋىن باتلېر مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ خىتايدا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش ھوقۇقى بار. خىتاي پۇقرالىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر چەتئەل مۇخبىرىنى پاراكەندە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىدە ئالغان سەزگۈر تېمىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىشلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.»
ناتان ۋەندىركلىپپى تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا كېيىن كومپيۇتېرىنىڭ قايتۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرەلىگەنلىكى، ئەمما ئىككى ساقچىنىڭ كەينىدىن ئاپتوموبىل بىلەن ئەگىشىپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغان.
خىتاي ئاخباراتلىرى مەزكۇر ۋەقەدە ئاز دېگەندە 96 ئادەمنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ 2000 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى شۇندىن كېيىن يەكەندە ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېنىق دەلىللەش بازىرىغىچە مۇمكىن بولماي كەلگەن ئىدى.
2014-يىلى سېنتەبىردە ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى ستېفان مېكدونېلنىمۇ يەكەن ئېلىشقۇ بازىرىغا كىرىش ئالىدا پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان ۋە توسۇپ قېلىنغاندىن كېيىن يېزا ئېغىزىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.