گۇاڭدۇڭ فوشەندىكى دېھقانلار تۇتۇپ كېتىلگەن دېھقانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرى شۈندې رايونىدىكى نەچچە يۈز دېھقان 31-ئىيۇل كۈنى فوشەن شەھىرىدىكى لۈنجياڭ ساقچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان دېھقان ئاكتىپلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-ئىيۇل كۈنى فوشەن شۈندې رايونىدىكى دېھقانلار، كەنت تەۋەلىكىدىن سېتىۋېتىلگەن 300 مو يەرنىڭ ھېساۋاتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ سودىدىن پايدا ئالغان پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەينى چاغدا نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن 100 نەچچە نەپەر ئالاھىدە ساقچىنى ئەۋەتكەن. 15-ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىشتا ساقچىلار يەنە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، نامايىشقا باشلامچىلىق قىلغان بىر قىسىم دېھقانلارنى قولغا ئالغان.