ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدە يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار نامايىش قىلدى

خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھەر ئەتراپىدىكى يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۈچ مىڭ دېھقان، يېرى ھېسابىغا بېرىلگەن ئۆيلەرنىڭ سۈپەتسىز سېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 27-سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ نارازىلىق نامايىشى قىلغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشتا، دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 3 دېھقان تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2011-يىلى خېفېي شەھەر ئەتراپىدىكى بازارلىق ھۆكۈمەت كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ 920 مو كېلىدىغان چىلانزارلىقىنى، دېھقانلارغا پولات چىۋىقلىق بىتونلار بىلەن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆي ۋەدە قىلىپ، ئەرزان باھادا سېتىۋالغان. ئۆتكەن ھەپتە دېھقانلار، يېڭى تۇرالغۇدا پولات چىۋىقلىق بىتونلار ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى، خىش ۋە ئەرزان باھالىق سۈپىتى ناچار سېمونت بىلەن ياسالغان ئۆيلەرنىڭ تاملىرى تېخى ئادەم كۆچۈپ كىرمەي تۇرۇپلا يېرىلىشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان. 27-سېنتەبىر 1000 دەك دېھقان بازارلىق ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگىنىدە، بازارلىق ساقچىخانىدىن ئەۋەتىلگەن ساقچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەچچە ئونلىغان دېھقان يارىلانغان.، 3 دېھقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

رادىئومىز ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىنى بىلىش ئۈچۈن، بازارلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىدا، تېلېفوننى ئالغان ساقچى ئەھۋالنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، قانۇننى بۇزغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دېھقانلارنىڭ زوراۋانلىق يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى قانۇنى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.