خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 9-ئىيۇن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چۈشيوڭ يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ «تېررورلۇق» ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان.
دۈشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 دە، چۈشيوڭ شەھىرىگە قاراشلىق ئىقتىسادىي ئېچىش رايونىدىكى بىر بىنادا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 3 ئادەم ئۆلگەن، 45 ئادەم يارىلانغان.
دائىرىلەر ۋەقەنىڭ ئىجتىمائىي جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن دېلونى پاش قىلىشقا ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، مەزكۇر ۋەقە يۈننەن ئۆلكىسى ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قاچىدىغان ئاساسلىق قانال بولۇپ قالغان مەزگىلدە يۈز بەرگەچكە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى بىلەن چېتىشلىقى بار-يوقلۇقى قىزىقىش قوزغىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-مارت كۈنمىڭ ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمىغا ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
دائىرىلەر يەنە، ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ يۈننەن، گۇاڭشى ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ قورال-ياراق تەلىمى ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇ سەۋەبلىك يۈننەن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى سەزگۈر رايون بولۇپ قالغان.
بىراق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا ئەللەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەچكە، يۈننەن ۋە گۇاڭشى ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرى چەتئەلگە قاچىدىغان ئاساسلىق قانال بولۇپ قالغان.