خىتاي ئاخباراتى، گۇاڭشى جۇاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ليۇچېڭ ناھىيەسىدىكى زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى ۋېي يىڭيوڭ ئىسىملىك شەخسنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغا قەدەر ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
گۇاڭجۇ «جەنۇبىي ئاستانا گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋېي فامىلىلىك گۇماندار جۇاڭ مىللىتىدىن بولغان 33 ياشلاردىكى بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ خوڭكوڭ ۋە ماكاۋغا ساياھەت قىلىش يول خېتى ھەم پاسپورتى بار ئىكەن.
«جەنۇبىي ئاستانا گېزىتى» خەۋىرىدە، ۋېي فامىلىلىك گۇماندارنىڭ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تايلاند دۆلىتىگە چىقىپ، شۇ يىلى 7-دېكابىر قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، ۋېي فامىلىلىك گۇماندارنىڭ ليۇچېڭ ناھىيەسىدىكى بىر تاش كېنىدا پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ساقلاش خادىمى بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئايالى شۇ كاننىڭ بىخەتەرلىك خادىمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ئاخباراتى ئىلگىرى ۋېي يىڭيوڭنىڭ روھىي كېسىلى بارلىقى، ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىش غەرىزىدە بۇ پارتلاشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ پىكىرنى «رېئاللىققا بەك ئۇيغۇن ئەمەس»دەپ رەت قىلغان.
نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ پارتلاشنى «جىنايى دېلو، تېررورلۇق ھۇجۇم ئەمەس» دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، بىراق گۇماندارنىڭ بۇنداق زور پارتلاشنى پىلانلاشتىكى غەرىزى مەلۇم ئەمەس. چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىدە 7 ئادەم ئۆلگەن، 51 ئادەم يارىلانغان. بەزى خەۋەرلەردە، 2 ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.