خىتاي ساقچىلىرى شەنشىدىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىلىك ساقچى دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، فېڭ جىجۈن ئىسىملىك گۇماندار جۈمە كۈنى قولغا ئېلىنغان ۋە پارتلاش ۋەقەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە بىر ئادەم ئۆلگەن، 8 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

مەزكۇر ۋەقە 3 ئۇيغۇرنىڭ بىر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ تيەنئەنمېن قوۋۇقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن يۈز بەرگەچكە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنى« تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق تەييۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم ئالدىدىكى مەزكۇر پارتلاش ۋەقەسىنى« تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ ئاتىمىغان ئىدى.

ساقچى دائىرىلىرى بۇ يىل 41 ياشلىق گۇماندار فېڭ جىجۈننىڭ بۇرۇن بىر قېتىم ئوغرىلىق سەۋەبىدىن 9 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بومبا پارتلىتىشتىكى مۇددىئاسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.