شى جىنپىڭنى گىتلېرغا ئوخشاتقان مايكا كىيگەن كورېيەلىك ياش جىلىندا تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە ياشاۋاتقان، كورېيە مىللىتىدىن بولغان ياش ۋون يوڭ، شى جىنپىڭغا قارشى ھەرىكىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ 1-ئۆكتەبىر كۈنى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ۋە گىتلېر دېگەن خەت بېسىلغان مايكىنى كىيىپ ئاشكارا كوچىغا چىققان. ئۇ كوچىغا چىقىشنىڭ ئالدىدا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئامېرىكىدىكى دوستلىرىنى خەۋەرلەندۈرگەن ۋە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن دوستلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، رادىئومىز مۇخبىرى يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىلار ۋون يوڭنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋون يوڭ ئەسلىدە ئامېرىكىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ھەر يىلى 4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش ۋە تۈرمىدىكى ئادۋوكاتلارغا تەبرىك كارتىسى يوللاش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازى مەيدانىنى ئىزچىل ھالدا ئىپادىلەپ كەلگەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار فېدىراتسىيونى ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ۋون يوڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ شى جىنپىڭنى گىتلېرغا ئوخشىتىپ مايكا كىيىشىنى ئەقەللىي پۇقرالىق ھوقۇقى دەپ تەرىپلىگەن ۋە ئۇنىڭ دىكتاتورىلىققا قارشى جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغان. خەۋەردە ئۇنىڭدىكى ئۆكتىچىلىكنىڭ خىتاينىڭ جىلىندىكى كورېيە مىللىتىگە قاراتقان سىياسىتى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما ئۇنىڭ تىبەت ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى يېقىندىن قوللىغۇچىلاردىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.