خىتاي دائىرىلىرى ھەربىي سەپتىن قايتقانلار خىزمەت يىغىنى ئاچتى

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەربىي سەپتىن قايتقانلار ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك خىزمەت يىغىنى ئاچقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېڭجۈن يىغىندا سۆز قىلىپ: «شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي سەپتىن قايتقانلار ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ھەمدە بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئەھمىيىتىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم» دېگەن.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر بىردەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» قا مەركەزلەشكەن. شۇنداقلا بۇ خادىملارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئۆزىگە خىزمەتكە ئېلىش، شۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئوڭۇشلۇق كۈتۈۋېلىش تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسەن خىتايلاردىن ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئانالىزچىلار «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سابىق خىتاي ئەسكەرلەرنى ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش سېپىگە قوشۇشقا چاقىرىق قىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 1950-يىللىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى گومىنداڭ قالدۇقلىرىنى ئىچكىرىگە قايتۇرماستىن بىڭتۇەن قىلىپ تەشكىللىگەن» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي قىسىملار قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا بۇ جايدىكى قوراللىق ساقچىلارغا گېرمانىيەدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىمپورت قىلغان.