خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورى تېلېفون كارتىسى كىملىك تۈزۈمىنىڭ 1-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى خىتاي تېلېگراف ئىدارىلىرى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ تېلېفون كارتىسى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ 2-ئەۋلاد كىملىكىنى ئېلىپ كېلىپ تىزىملىتىپ تېلېفون نومۇرى ئېلىشىنى يولغا قويغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا يەنىلا بىرقىسىم تېلېفون شىركەتلىرى ۋە ئەركىن بازارلاردا كىملىكى تىزىملانمايدىغان تېلېفون سىمكارتلىرىنى سېتىش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرىكى كىملىكى تىزىملانمىغان تېلېفون سىمكارتلىرىنى بىراقلا بىكار قىلىش مۇمكىنچىلىكى ھازىرچە يوق ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىدە كىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئۇقتۇرغاندىن بۇيان، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى تېلېفون شىركىتى تېلېفون كارتىنى كىملىك بويىچە سېتىش تۈزۈمىنى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يولغا قويغان. بىرلەشمە تېلېفون شىركىتى يەنە نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان كىملىكى تىزىملانمىغان تېلېفون كارتىلىرىنىڭ 1-سېنتەبىردىن باشلاپ مۇلازىمىتى توختايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر يىل ئاخىرى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتتا كىملىك تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىلىپ، راست كىملىك ئىشلىتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن شەخسلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇنىڭ جاۋابكارلىقى كىمدە بولىدىغانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئاخباراتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىدە كىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.