خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنباۋ 26-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ب ب س ئاگېنتلىقى خەۋەرلىرىنىڭ خىتايدا توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتى يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئەھۋالنى ئىگىلەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئۇ «مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار» ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.
25-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى باشلىقى پىئىت خولو كائېس خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە خەۋەرلىرىنىڭ خىتايدا تارقىتىلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
ب ب س خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقى 1932-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 27 خىل تىلدا خەۋەر بېرىپ كېلىۋاتقان خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ رادىئو ئاگېنتلىقى. نۆۋەتتە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغۇچىلار 166 مىليون كىشىگە يېتىدۇ.
