خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتتىق كونترول قىلىنماقتىكەن

«زىمىستان» تورىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئىچكىرى خىتتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىپادىلىشى چەكلەنگەن.

خەۋەردە بىلدۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭدىكى قالاق مىللەتلەرگە ياردەم قىلىش» ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىچكىرى خىتتايدا ئوقۇتۇۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئىچكىرى خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى ئوتتۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى «زىمىستان» تورىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قاتتىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلار دەرس ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، دىنغا ئائىت نەرسىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەرلىك ساقچىلار يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفونىنى دائىم تەكشۈرىدىكەن، بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى توردىن ھۆكۈمەتكە قارشى ۋىدىيونى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن. شەندۇڭلۇق بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قانداق دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، ھەتتا تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشىغىمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خېيلوڭجىياڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ بۇ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ نازارەت قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ھېيت ياكى تەتىل كۈنلىرىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلسا بولمايدىكەن. فۇجىيەندىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ يېتەكچىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى بېكىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تام ئاتلاپ چەتئەلنىڭ تور بېكەتلىرىنى كۆرىدىغان-كۆرمەيدىغانلىقى، ئۆز ئىچىدە گۇرۇپپا قۇرغان-قۇرمىغانلىقى دېگەندەك ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش مەخپىي ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلىدىكەن.