خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن «تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىلمەكتىكەن

ئۇيغۇر دىيارىدىن مەيلى چەتئەلگە چىققانلىرى بولسۇن، ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە جان بېقىش ئۈچۈن كەتكەنلىرى بولسۇن، كۆپ قىسمى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكېتىلگەن ۋە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىلگەن.

«زىمىستان تورى» نىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قايتۇرۇپ ئەكېتىلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بېرىلىشى بىلەنلا تۇتقۇن قىلىنغان. رايوندا مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغاندىن باشقا، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن قايتىپ بارغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل «قارا باسقان كۈنلەر» دىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىنىڭ باشلىرى ئۇيغۇر دىياردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئۇلاردىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەنلىرى دەرھال تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» لاگېرىغا تاشلانغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ «زىمىستان تورى» غا بىلدۈرۈشىچە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم شەھىرىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرەيلەن 2018-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلاردىن دەرھال قايتىپ كېلىشى ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان. ئەگەردە ئۇ دەرھال قايتىپ كەلمىسە، مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ كىشى ئامالسىز قايتىپ كەتكەن ۋە دەرھال تۇتۇلۇپ جازا لاگېرىغا تاشلانغان.

خەۋەردە بىر خىتاي ئاھالىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل ھەقسىزلىقىغا بولغان نارازىلىقىمۇ نەقىل ئېلىنغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە ئۆزىنىڭ قول ھۈنەرۋەنلىكى ياكى مۇقىم خىزمىتى بىلەن جان بېقىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا «قايتا تەربىيە» نىڭ قەتئىي كېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بۇ خىل چەكتىن ئاشقان سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئانالىزچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.