خىتاي يۇقۇملىق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ باش يۇقۇملىق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيۈ، بىر مىليارد 400 مىليون نۇپۇسى بار خىتايدا 80 پىرسەنت ئادەمنىڭ كوۋىد-19 ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ خىتاي يۇقۇملىق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى 22-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، خىتايدا بىر ھەپتىدە پەقەت 13 مىڭدەك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان. مەزكۇر ئورگاننىڭ بىلدۈرۈچىشە، خىتايدا 13-يانۋاردىن 19-يانۋارغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە پەقەت 12 مىڭ 658 ئادەم ئۆلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بۇنىڭ قانچە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
خىتاي دائىرىلىرى ئىتكەن يىلى 9-دېكابىردىن كېيىن، يەنى ئۈرۈمچى 24-يانۋار ئوت ئاپىتى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقۇم قامالىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدا كوۋىد-19 ۋىرۇسغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنى توختاتقان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا خىتايدىن كوۋىد-19 ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر ۋە دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارلارغا دائىر تولۇق سانلىق مەلۇماتلارنى تەمىنلەشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋۇ زۈنيۈ ياشانغانلارنى ۋە باشقا ئاجىز گۇرۇپپىلارنى چاغان مەزگىلىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان. ۋۇ زۈنيۈ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك چاغانلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك چاغان ئۆتكۈزۈش ۋە چاغاننى تەبرىكلەشكە ئۇيۇشتۇرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويغان. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، چاغاننى مەجبۇرىي تەبرىكلەشتەك بۇ خىل پائالىيەتلەر سەھىيە-ساغلاملىق سىستېمىسى ئىنتايىن ناچار بولغان ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا-كەنتلەردە كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم-يىتىم كەلتۈرۈپ چقىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋۇ زۈنيۈ «چاغان مەزگىلىدىكى ھەرىكەتچانلىق خىتاينىڭ ئەنئىنىۋىي يېڭى يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي ھەرىكەت، تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ يەنىمۇ يامرىشىنى مەلۇم دەرىجىدە تېزلىتىشى، بەزى رايونلاردا يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىيىشى مۇمكىن» دېگەن.