BBC تورىنىڭ 25-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي يېزىلىرىدىمۇ كوۋىدتىن ئۆلگەنلەر كۆپىيىپ، جەسەت ساندۇقى (گۇەنسەي) ياسايدىغان كارخانىلار ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
ئۆتكەن يىل 12-ئايدىن باشلاپ خىتايدىكى كوۋىد يۇقۇمى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، 80 پىرسەنت نوپۇسنىڭ، يەنى 1 مىلياردتىن كۆپ ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، ھەر ھەپتىدە 13 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قېرىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. چۈنكى خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغان 40 يىلدىن بۇيان خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتىمۇ ئۆرلەپ ماڭغان بولۇپ، بۇ قېتىم كوۋىدتىن ئۆلگەنلەر ئىچىدە قېرىلار ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يېزىلىرىدا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلەردىن باشقا، ئۆيىدە ئۆلگەنلەرمۇ كۆپ ئىكەن ۋە بۇلار ئۆلگەنلەر سانىغا كىرگۈزۈلمەيدىكەن.
چاغان مەزگىلىدە چوڭ شەھەرلەردە جان بېقىۋاتقان زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئۆز يېزىسىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشى كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ شەھەردىن يېزىغا يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي يېزىلىرىدا پۇقرالار جەسەت ساندۇقى تېپىپ قېرىلارنى كۆمۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ سۈرەتلىك خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئاھالىسى خىتاينىڭ ياڭگېر ئۇسۇلى ۋە شىر ئۇسۇلى ئويناپ چاغاننى تەبرىكلىگەن. بۇ يېزىغا چۈشكەن «ئەلنى ماھىل قىلىش تەشۋىقات ئەترىتى» نىڭ باشلىقى فەن ۋېنچىڭ «خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش» نىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.