خىتاينىڭ كوۋىد-19 سانلىق مەلۇماتلىرى يەنىلا دوختۇرخانا سىرتىدا ۋىرۇس بىلەن ئ‍ۆلگەنلەرنى ئاشكارىلىمىغان

خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى يېقىندا خىتايدىكى كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقۇمىغا ئائىت ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سانلىق مەلۇماتى دوختۇرخانا سىرتىدا ۋىرۇس بىلەن ئ‍ۆلگەن بىمارلارنى ئاشكارىلىمىغان. خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى 25-يانۋار كۈنى ئ‍ۆزىنىڭ تور بېكىتىدە خىتايدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئېيتىشىچە، ئ‍ۆتكەن يىلى 22-دېكابىر كۈنى خىتايدا كوۋىد-19 ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 6 مىليون 940 مىڭغا يېتىپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن يۇقۇملانغۇچىلار پەيدىن-پەي ئازىيىپ، بۇ يىل 23-يانۋار كۈنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.

سانلىق مەلۇماتتا، ۋىرۇستا يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا ئۆلگەن بىمارلارنىڭ بۇ يىل 4-يانۋار كۈنى 4273 كە يېتىپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئازىيىشقا قاراپ مېڭىپ 23-يانۋار كۈنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەنلىكى، شۇ كۈنى خىتاي بويىچە 896 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن خىتاي بۇ سانلىق مەلۇماتنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىپ ئېلان قىلىش، كوۋىد ۋىرۇسىدا ئۆلگۈچىلەرگە ئىنتايىن تار ئېنىقلىما بېرىش بىلەن تەنقىد قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۆزلىرىنى كوۋىد-19 ۋىرۇسىدا ئۆلگۈچىلەرگە ئائىت تېخىمۇ ئىزچىل، تولۇق ۋە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ رادىيومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى دوختۇرخانا سىرتىدا ۋىرۇس بىلەن ئ‍ۆلگەن بىمارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار بىر خىتاي پۇقراسى، ۋۇخەننىڭ خۇاڭپۇ رايونىدا 900 مىڭ ئادەم بارلىقى، بۇ رايوننىڭ ئۆزىدىلا بىر ئاي ئىچىدە 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئ‍ۆلگەنلىكىنى ئېيتقان.