ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەر خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ، جېجياڭ ئ‍ۆلكىلىرىگە بارغانلارنى كاراتىنغا ئېلىشنى يولغا قويغان

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق شەھەرلىرى يېقىنقى 14 كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ، جېجياڭ، شەنشى، جياڭسۇ، گۇاڭشى ئ‍ۆلكىلىرىگە بارغانلارنى كارانتىنغا ئېلىشنى يولغا قويغان.

«شىنجاڭ خەۋەرلەر» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىكى يۇقۇملىق كېسەكللىكلەرنى تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋە رايوندىكى ساياھەت شىركەتلىرى 13-ئىيۇن يېقىنقى 14 كۈن ئىچىدە يۇقىرىقى ئ‍ۆلكىلەرگە بارغان كىشىلەرنى كارانتىنغا ئېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھرىدە گۇاڭدوڭنىڭ گۇاڭجو، فوشەن، جېنجياڭ، ۋۇچۈەن، شىنجېننىڭ يەنتيەن، لوڭگاڭ رايونلىرى، جېجياڭ ۋېنجوۋنىڭ رۈيئەن، لوڭگاڭ شەھەرلىرىگە بارغانلار كارانتىنغا ئېلىنىدىكەن. تۇرپان شەھرى ساياھەت شىركەتلىرىگە گۇاڭدوڭ، گۇاڭشى، جېجياڭ، شەنشىنىڭ شىئەن، ئەنكاڭ، جياڭسۇنىڭ نەنتوڭ شەھەرلىرىگە بارغانلارنى بىردەك كۈتىۋالماسلىقنى ئۇقتۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى 17-ئىيۇن خىتاي مىقياسىدا 23 نەپەر يېڭى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دائىرىلەر بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال 19 نەپەر يېڭى يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.