خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلىيە رايونىدا بىر چارۋىچىنىڭ «كۆپۈكچە ۋابا» بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ۋىرۇسنىڭ قايتىدىن كۆرۈلۈشى بۈگۈنكىدەك دۇنيا تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مەزگىلدە، كونا تەھدىتلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، باياننۇر شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى چارۋىچىغا ۋابا بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئېيتقان.
مەزكۇر كومىتېت يەنە ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، كىشىلەرنى يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ھايۋانلارنى ئوۋلىماسلىق ۋە يېمەسلىككە، بولۇپمۇ ئۆلگەن ياكى كېسەل بولغان چاشقانلارنى دوكلات قىلىشقا چاقىرغان.
شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
ئوتتۇرا ئەسىردە «قارا ئۆلۈم» دەپ تونۇلغان بۇ ۋابا ئەسلىدە يېرسىنيا زىيانداش ھاشارات باكتېرىيەسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، يۇقۇملانغان چاشقانلاردىكى بۈرگىلەر ئارقىلىق تارقىلىدىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا كۆپۈكچە ۋابا بىلەن داۋالىنالمىغان بىمارلارنىڭ تەخمىنەن% 30 تىن% 60 نىسبىتىنىڭ ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئانتىبىئوتىك دورىلار بالدۇر بېرىلسە، كېسەللىكنى ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.