ئۇزۇن مۇددەت «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى «24-نويابىر ئوت ئاپىتى»دىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار پۇقرالار نامايىشى سەۋەبىدىن 2022-يىلى دېكابىردا «تاجىسىمان ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش قامال چارىلىرى»نى بىكار قىلغان ئىدى. يېقىندا ئاشۇ قامال چارىلىرى بىكار قىلىنغاندىن بۇيان خىتايدا پارتلىغان ۋىرۇس يۇقۇمىدا ئاز دېگەندىمۇ 1 مىليوندىن 1 مىليون 600 مىڭغىچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرۇلدى.
«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ 15-فېۋرالدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 9-فېۋرال كۈنى «ھازىرغىچە بولغان ئىككى ئاي ئىچىدە دۆلىتىمىزدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر 83 مىڭدىن ئاشىدۇ» دەپ ئېلان قىلغان. غەرپ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئانالىزچىلار بۇ ساننىڭ پەقەت دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن يۇقۇمدارلارنىلا كۆرسىتىدىغانلىقىنى، دوختۇرخانىدا يېتىش ئىمكانىيىتى بولماي ئۆيلىرىدە ئۆلگەن كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر گېزىتنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئەتكەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپلىرى بىردەك «خىتايدىكى يېڭى ۋىرۇس دولقۇنىدا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. بۇ مۆلچەر بىز ئىگىلىگەن ئىسپاتلار بىلەن تولۇق ماس كېلىدۇ» دېگەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك مەسىلە بولۇپ قالغان. چۈنكى تاجىسىمان ۋىرۇسىغا قارشى بىر قاتار كونترول چارىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئىجرا بولغاندا، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى «بىز قوللانغان ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۆلۈم-يىتىمنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غەرپ كاپىتالىزىمىدىن قانچىلىك ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى» دەپ ماختانغان.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە تاجىسىمان ۋىرۇسى ھەققىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنى مەخپىيەتلىك قاتارىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقتىن ۋىرۇسقا قارشى قامال چارىلىرى بىكار قىلىنغاندىن بۇيان زادى قانچىلىك كىشىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى سىر بولۇپ كەلگەن. يۇقۇملۇق كېسەللىك مۇتەخەسىسلىرى بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە باشقا پاكىتلارغا ئاساسەن «نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 90 پىرسەنتى ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان» دەپ خۇلاسە چىقارغان. يەنە بەزىلەر بولسا بۇ ساننى 80 پىرسەنت ئەتراپىدا، دەپ قاراشقا مايىل بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.