خىتايدا يەسلى بالىلىرىنىڭ سۈپەتسىز كارىۋاتتىن زەھەرلىنىشىگە نارازىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-نويابىر خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى «تيەنخې بالىلار يەسلىسى» دە بالىلىرى بار بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار يەسلى مەيدانغا توپلىنىپ، يەسلى دائىرىلىرىدىن يەسلىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بالىلار كارىۋىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى ۋە بۇ خىل سۈپەتسىز كارىۋاتلارنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا-ئانىلار يەسلىدە يۈز بەرگەن 10 نەچچە بالىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇشىنى مەزكۇر يەسلىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بالىلار كارۋاتلىرىنىڭ ئۆلچەمسىز، تەركىبىدە زەھەرلىك ماددىلار بولغان سۈپەتسىز ماتېرىياللاردىن ياسالغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى بىر ئۆي سايمانلىرى شىركىتىنىڭ خوجايىنى ۋېي ئەپەندىمۇ خىتايدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرى ۋە پايدىنى قوغلىشىدىغان بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ بۇ خىل ماللارغا بازار ھازىرلاپ بەرگىنى ئۈچۈن ھەرخىل زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا جىددىي، كەسكىن تەدبىر ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.