يېقىدا خىتايدا يۈز بەرگەن بىر قاتناش قازاسىنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ خىتايدىكى تورداشلار ئارىسىدا جەمئىيەتتىكى ئەخلاق قارىشى توغرىسىدا غولغا قوزغىغان. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە 21-ئاپرېل خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جۇمادىيەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن.
فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا، بىر ئايال يولۇچى پىيادىلەر سىزىقىدا تۇرۇپ يولىدىن توغرا كېسىپ ئۆتۈشكە تەمشىلىۋاتقاندا، بىر تاكىسى سوقۇۋېتىدۇ. ئۇ ئايال يولغا ئۇچۇپ چۈشۈپ يىقىلغاندىن كېيىن، تاكسىكەش توختىماي قېچىپ كېتىدۇ. ئاندىن قىزىل چىراغ يېقىلىپ، ئاپتوموبىللار توختايدۇ ۋە پىيادىلەر بەلگىلەنگەن جايدىن ئۆتۈشكە باشلايدۇ. يېشىل چىراغ يېقىلغۇچە يولدىن ئاز دېگەندە 12 ئادەم ئۆتىدۇيۇ، يولدا يارىلىنىپ يېتىپ قالغان بۇ بىچارە ئايالغا ھېچكىم قاراپمۇ قويۇشمايدۇ. كېيىن ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ ھەرىكەتلىنىشكە تەمشىلىدۇ، ھالبۇكى شۇ ئەسنادا يېشىل چىراغ يېقىلىپ يولدىن ئاپتوموبىللار يەنە ئۆتۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا بىر دالا ماشىنىسى ئۇدۇل كېلىپ يولدا سوزۇلۇپ ياتقان ئايالنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يولۇچى ئايال كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.
كۆزىتىش ئاپپاراتىغا ئېلىنغان بۇ پاجىئەلىك قاتناش ۋەقەسى خىتايدىكى ۋېيبو تورىغا چاپلانغاندىن كېيىن، 30 مىليون ئادەم كۆرىدۇ. 70 مىڭ قېتىم ھەمبەھىرلىنىدۇ، 80 مىڭ ئىنكاس يېزىلىدۇ.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان شاڭخەيلىك ئادۋوكات جاڭ شۆبىڭ ئەگەر بۇ ھادىسە ئۇ ئايالنى سوقۇۋەتكەن شوپۇر قېچىپ كەتكەن يەردە تۈگىگەن بولسا، بۇنى بىر ئادەتتىكى قاتناش ۋەقەسى، دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ياردەم قىلماسلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ۋەقەنىڭ شۇنچە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىشىدىكى سەۋەب بولسا، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىغا ياردەم قولىنى سۇنماسلىقى.»
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئەگەر بۇ ئايالغا ياردەم قىلغان بولسا، بالاغا ئۆزلىرىنىڭ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىشقان. يەنە بەزىلەر بولسا، ئەگەر بىرى قاتناشنى توختىتىپلا جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلغان بولسا، بۇ ئايالنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى يازغان. جۇ ۋۇ ئىسىملىك بىر تورداش خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئەخلاقىي بەرباتلىقنى سۈرەتلەپ مۇنداق يازغان: «بۇ يەردىكى مەسىلە تاماشا كۆرگۈچىلەردە ئەمەس، بەلكى قەلبى مۇزلىغان جەمئىيەتتە.»
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ يەردە كىشىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىگە سالغىنى جەمئىيەتتە بىر ئەخلاقىي نىشاننىڭ كەملىكى بولغان.»
2011-يىلى 2 ياشلىق بىر قىز فوشەن شەھىرىدىكى مەلۇم توپ تارقىتىش بازىرىدا قاتناش قازاسىغا ئۇچرىغاندىمۇ ھېچكىمنىڭ ياردەم قىلماسلىقى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.بۇ ھادىسە ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئىنتېرنېتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىنىمۇ، زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى.