خىتايدىكى ئىشسىزلىق بېسىمىنى يەڭگىللىتىشتە بىڭتۈەن ئاكتىپ رول ئوينىماقتا

ئۇيغۇر رايونىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى يۈكسەلگەن بىڭتۈەن ھەر يىلى مىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە، جۈملىدىن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىش ئورنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل چىقارغان ئىش ئورنى ئېلانىدىمۇ «مىڭلىغان كارخانىلاردىكى ئون مىڭلىغان ئىش ئورنىنىڭ بىڭتۈەندە ئىكەنلىكى» ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان.

«بىڭتۈەن گېزىتى» نىڭ 29-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۈەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، بىڭتۈەن دۆلەت بايلىقى كومىتېتى، بىڭتۈەن مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە ئورۇن بىرلىشىپ، «2024-يىللىق ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش» مەخسۇس پائالىيىتىنى باشلىغان.

مەزكۇر پائالىيەت توردا ۋە نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان. توردا ئادەم قوبۇل قىلىش پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى ۋە ئىچكىرى خىتايغىمۇ قارىتىلغان. نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى شىمالدا شىخەنزە، جەنۇبتا ئارال، تۇمشۇق قاتارلىق بىڭتۈەن شەھەرلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، 379 كارخانا نەق مەيداندا ئادەم قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان.

بۇ خەۋەردە يەنە، بۇنداق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تېزلىتىش، كارخانىلار بىلەن ئەمگەك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتايدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى بىلەن بىڭتۈەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلمەكتە. نيۇ-يوركتا ياشاۋاتقان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جېڭ شۈگۇاڭ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، بىڭتۈەندە ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.