خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە پاراكەندىچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىدە 28-مارت كۈنى، «خىتاي چەتئەللەردە ئۇيغۇر دېئاسپوراسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىمۇ داۋاملىق تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

مەزكۇر ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر، تايلاند، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ شۇ دۆلەتلەردە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلىقىدەك پاكىتلار تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدىكى سىتىمسىن تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى يونسۇننىڭ سۆزىگە ئاساسەن قايتۇرۇپ كېتىلگەنلەر سانىنىڭ ئاشكارىلانغاندىن كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

ئاپتور ماقالىسىدە چەتئەللەردە 1 يېرىم مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر جامائىتى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دەردىنىڭ تىبەتلەرنىڭكىدەك ياخشى ئاڭلىتىلمايۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بار كۈچى بىلەن بۇنى يوقىتىشقا، ھەتتا بارچە ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش بەدىلىگە بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۈگۈن بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىز قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئاللىقاچان ئويغىنىپ، بىر مىللىي ئىرادىنىڭ ئەتراپىدا زىچ ئۇيۇشۇپ بولدى،» دېدى. 

يۇقىرىقى ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي-جەنۇب ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چېگرا رايونلىرىدا ھەر ئىككى تەرەپتىن «گۇمانلىق» كىشىلەرنى مەلۇم قىلىدىغان پايلاقچىلارنى ياللاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەپ زەربە بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق بىرمۇنچە تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.

تولۇق بەت