ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى «بۇرمىلانغان سودا سىياسىتى» توغرۇلۇق خىتايدىن ھېساب ئالماقچى بولغان

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۈشەنبە كۈنى (17-ماي) بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى «بۇرمىلانغان سودا سىياسىتى» نى قوللىغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ بايانات ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاترىن تەي، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموند، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ۋالدىس دومبروۋىسكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر باياناتتا يەنە يەر شارى خاراكتېرلىك تۆمۈر ۋە ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.