خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بىر ئايدىن بۇيان داۋاملىق چۆكۈۋاتقان ئىقتىسادى ۋە پاي چېكى بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى قوللانغاندىن كېيىن، 28-ئاۋغۇست كۈنى (دۈشەنبە) پاي چېكى بازىرى ئازراق ئۆرلىگەن، ئەمما «بلومبېرگ سانلىق مەلۇماتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۆسۈش قىسقا ۋاقىتلىق ئىكەن، چۈنكى چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى مۇشۇ پۇرسەتتە خىتاينىڭ بىر مىليارد 100 مىليون دوللارلىق پاي چېكىنى سېتىۋەتكەن.
ئامېرىكادا چىقىدىغان «بايلىق» (Fortune) ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاي چېكى سودىسىدىن ئالىدىغان باجنى ۋە پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئالىدىغان زاكالەت پۇلىنى ئازايتىش ئارقىلىق پاي چېكى بازىرىنى جانلاندۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى يەنىلا خىتاي بازىرىدىن چېكىنگەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى، خىتاينىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە بولغان بېسىمى ۋە پاراكەندىچىلىكىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ خارابلىشىشقا يۈزلىنىشى قاتارلىقلار بولۇپ، مانا بۇلار چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى «خىتايغا مەبلەغ سېلىشنىڭ خەتىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە» دېگەن قاراشقا كەلتۈرگەن.
خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى يۆلەپ، خۇسۇسىي شىركەتلەرگە بولغان بېسىم ۋە چەكلىمىنى كۈچەيتىشى، خىتاينىڭ چوڭ-چوڭ بايلىرىنىمۇ خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغان. كۆچمەنلەر ئۇچۇر مەركىزى Henley&Partners نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 2022-يىلى خىتايدىن 10 مىڭ 800 مىليونېر چەت ئەلگە قاچقان بولسا، 2023-يىل بۇ سان 13 مىڭ 500 گە يەتكەن.