خىتايدا كۆپىيىۋاتقان تاشلاندۇق بىنا رايونى ۋە قېچىۋاتقان مىليونېرلار دىققەت قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.07.24

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە توختىماستىن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات»، «ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىسلاھات» دېگەندەك دەبدەبىلىك شوئارلارنى توۋلاۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان پاكىتلارغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. «دەۋر» گېزىتىنىڭ 21-ئىيۇلدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە بۇنىڭدىكى ھالقىلىق سەۋەبلەر ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى بايان قىلىنىدۇ.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھازىر «ئالىي ئىسلاھاتچى» سۈپىتىدە ئىش كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي داھىيسى دېڭ شاۋپىڭ باشلىغان «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» ھەرىكىتى ئاللىقاچان سۇغا چىلاشقان. نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي چېكىنىشنى ئوڭشاشتىكى ھەقىقىي ئىسلاھاتقا ئەڭ چوڭ توسقۇنلۇق قىلغۇچى ئامىل بولسا دەل شى جىنپىڭنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى بولۇپ قالغان.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن ئۆي-مۈلۈك سودىسى تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەن. بۇنىڭ بىر ئىپادىسى كونا ياكى يېڭى ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىدە ئەكس ئەتكەن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن «ئەرۋاھلار ماكانى» دەپ ئاتالغان ئادەمسىز ئولتۇراق ئۆي رايونلىرىنىڭ كۆپىيىشىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 42 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ ئاجرىتىپ، تېخى ئادەملەر ئولتۇراقلاشمىغان قۇرۇق بىنالارنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى خىتاي ئۆي-مۈلۈك ساھەسى باشلاپ قويغان، لېكىن تاماملاشقا مەبلەغ يوق توختىتىپ قويغان ئۆيلەرنى پۈتتۈرۈشكە ئاز دېگەندىمۇ 533 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى لازىم بولىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، نۆۋەتتە ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە زېمىن سېتىپ بېرىشتىن كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى زېمىن سېتىشتىن ئەمەلىيلەشمىگەن قەرزنىڭ ئومۇمى مىقدارى ئاز دېگەندىمۇ ئون تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ، پۈتكۈل خىتاينىڭ يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىش» تەك بىخەتەرلىك ۋە كونتروللۇق مېخانىزمى بۇ خىل ئىقتىسادىي چېكىنىشنى ئوڭشىغىلى بولماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاچقا، خىتايدىكى پۇلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئىلكىدىكى مەبلەغنى چەتئەلگە يۆتكەشكە باشلىغان. چەتئەلدىن كېلىدىغان مەبلەغمۇ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.