ئامېرىكانىڭ «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتى» خىتايدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى» ھەققىدە سورىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تەرەققىيات» نى ئۇرۇش ئىچىدىكى غەززەگە سېلىشتۇرۇپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىچۇ؟ » دېگەن تالاش-تارتىشنى قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتى» 1-نويابىر X تا يەنى بۇرۇنقى تۋىتتېردا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پەلەستىن ھەققىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئوخشاشلا قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 31-ئۆكتەبىر X تا بايانات ئېلان قىلىپ، «بارلىق ھاياتلىق قىممەتلىك، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتى باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتتىكى خەلقلەرنىڭ ھاياتى قوغدالغاندەك قوغدىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ سۆزىگە قارىتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتى» X تا قىسقىچە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ھازىر ئۇيغۇرلار ياشاۋاتامدۇ؟ » دەپ سوئال قويغان. خاماسنىڭ 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، 1400 دەك ئىسرائىلىيە پۇقراسىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئىسرائىليە-خاماس توقۇنۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. ئىسرائىلىيەنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى دۇنيانىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي پەلەستىن تەرەپنى تۇتقان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ X تا، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىنالارنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ، بۇنى غەززە بىلەن سېلىشتۇرۇشى، تېخىمۇ تالاش-تارتىش قوزغىغانىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «خىتاي رىقابەت كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گالاگېر 31-ئۆكتەبىر ئامېرىكا «Fox» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بەزى ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدىكى «رادىكال ئۇنسۇرلار» نىڭ خاماسنى قوللىشىنى تەنقىدلىگەن. مايك گاللاگېر، «بۇ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۆزلۈكىدىن رادىكاللاشقان بۇ كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى يۈرۈش قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقمايسىز» دېگەن. ئامېرىكادىكى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت ئۇيغۇر رايونى بىلەن غەززەنى سېلىشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «شەرقىي تۈركىستاندا سىز ئاۋازلىق سۆزلىيەلەيدىغان ياكى تاش ئاتالايدىغان ئۇنداق تار كوچىلار يوق» دېگەن.