ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كانادا بىلەن مېكسىكاغا قويغان 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى 4-مارت كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ماللىرىغا قويغان 10 پىرسەنت قوشۇمچە تاموژنا بېجىمۇ رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلايدىكەن.
پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ فېنتانىلنى چەكلەشتە يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ماللىرىغا يەنە قوشۇمچە 10 پىرسەنت باج قويۇش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەگەر پىرېزىدېنت ترامپنىڭ فېنتانىل سەۋەبىدىن خىتاي ماللىرىغا قويىدىغان قوشۇمچە 10 پىرسەنت بېجى 4-مارت رەسمىي يولغا قويۇلسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويىدىغان ئومۇمى تاموژنا بېجىنىڭ 20 پىرسەنتكە چىقىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ فېنتانىلنى چەكلىمىگەنلىكى ئۈچۈن 10 پىرسەنت، مېكسىكا بىلەن كاناداغا 25 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن كانادا بىلەن مېكسىكاغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ 30 كۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ھالبۇكى، BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك 3-مارت كۈنى كانادا بىلەن مېكسىكاغا قويۇلغان تاموژنا بېجى پىلان بويىچە ئىجرا قىلىنسىمۇ، كونكرېت باج مىقدارىنىڭ مۇزاكىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن خەۋەرلەردە بېيجىڭنى فېنتانىلنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى توسۇشتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانماسلىق بلەن ئەيىبلىگەن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي ماللىرىغا قويغان 10 پىرسەنت قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ 4-مارت يېرىمىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە ئىكەن. نۆۋەتتە، خىتاي ئامېرىكانىڭ قوشۇمچە 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى قارارىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى «ئەگەر ئامېرىكا بىر تەرەپلىمە تاموژنا بېجى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى رەسمىي يولغا قويسا، خىتاي جەزمەن كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئالىدۇ» دېگەن. BBC، ئانالىزچىلارنىڭ بېيجىڭ يەنىلا ئومۇميۈزلۈك سودا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ دېھقانچىلىق ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى نىشانغا ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.