تاموژنا بېجىدىن قاچقان بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى كامبودژانىڭ «ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى» غا كۆچكەن

«CBS» نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يولغا قويغان تاموژنا بېجىدىن قاچقان بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى خىتايدىن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كامبودژانىڭ «ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى» غا كۆچۈپ كەلگەن. ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كامبودژاغا سالغان مەبلىغىنىڭ پارتلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2016-يىلى، پىرېزىدېنت ترامپ بىرىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشتىن بۇرۇن، كامبودژانىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتى يىلىغا تەخمىنەن 3 مىليارد دوللار ئىكەن. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتى 13 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، كامبودژانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30 گە يېقىنلاشقان. كامبودژا ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتىكى زاۋۇتلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ھازىر خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەبلەغنىڭ تەخمىنەن 9 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ماللىرىدىن 10 پىرسەنت قوشۇلما تاموژنا بېجى ئېلىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، يەنە بىر يېڭى تاموژنا بېجى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ 4-مارتتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويىدىغان ئومۇمى تاموژنا بېجىنىڭ 20 پىرسەنتكە چىقىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئۇنىڭدا، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل، دورا ۋە مىكرو ئۆزەك (چىپ) لادىن 25 پىرسەنت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق باج ئېلىش بەلگىلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى يولغا قويغان يېڭى تاموژنا بېجىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۈچلەندۈرۈپ، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى