غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ 22-مارت ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ پاي چېكى ۋە خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەربنىڭ جازاسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئازايتقان، شۇنىڭدەك سىياسى ئەندىشە بازارغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتكەن. 22-مارت كۈنى خىتاي پاي چېكى بازىرىنىڭ كۆك ئۆزەك كۆرسەتكۈچى 1 پىرسەنت چۈشۈپ، 5009.25 نۇقتا، شاڭخەي بىرلەشمە كۆرسەتكۈچى 0.9 پىرسەنت چۈشۈپ، 3411.51 نۇقتا تۆۋەنلىگەن.
22-مارت كۈنى خىتاي پاي چېكى بازىرى ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئۇلارنىڭ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئىمبارگو قويغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئانالىزچىلار خىتاي پاي چېكىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىمبارگوغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىدا 5 مىليارد 100 مىليون دوللار ئا-دەرىجىلىك پاي چېكىنى سېتىۋېتىپ، پاي چېكىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە تۈرتكە بولغان.
22-مارت يەنە خىتاي پۇلى — يۇەننىڭمۇ كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 22-مارت خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى بىر دوللار 5075.6 يۈەندىن باشلىنىپ، شۇ كۈنى چۇشتە 6.5098 يۈەنگە چۈشكەن. خىتاي خەلق بانكىسى ئۆسۈمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يۈەننىڭ كۇرسىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىشقا يارىمىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانالىزچىلار يۈەننىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگىمۇ ئىمبارگو تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.