خىتاي ئامېرىكىنى 60 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي جازا تەدبىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرماقتا

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنى خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فېڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ئەگەر نىيىتىدىن يانمىغان تەقدىردە خىتاينىڭمۇ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى خىتايغا 60 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىقتىسادىي جازا تەدبىرىنى ئىمزالىغان ئىدى. خىتايمۇ بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارغا قارىتا 3 مىليارد دوللار قىممىتىدە جازا ئېلان قىلغان.

خىتاي تەرەپ باياناتچى گاۋ فېڭ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا يەنە قانداق جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ چوقۇم «تېگىشلىك تەدبىر» ئېلىپ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئېلان قىلغان جازا تەدبىرلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشىنى جازالاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، جازا تەدبىرلىرى ئاساسلىقى تېخنىكا، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە ئەقلىي مۈلۈك ساھەسىگە قارىتىلىدىكەن. بۇندىن سىرت، پرېزىدېنت ترامپ يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ نازۇك تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، 60 كۈن ئىچىدە خىتاي تەرەپ مەبلەغ سېلىشقا بولمايدىغان نازۇك تېخنىكىلارنى بېكىتىپ چىقىشنى تاپشۇرغان ئىدى.

«بلۇمبېرگ گېزىتى» ئۆز خەۋىرىدە دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن ئالغان پايدىسىنىڭ ئۆتكەن يىلقى 53 مىليارد دوللاردىن 28 مىليارد دوللارغا چۈشكەنلىكىنى بايان قىلغان.