ئامېرىكادا 5 نەپەر كىشى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى 5 كىشىنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەرىكەت قىلىش، ئامېرىكادا جاسۇسلۇق قىلىش، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇش ۋە ئىز قوغلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىگەن. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ 3 نەپىرى قولغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى دوكلاتتا، يوقىرىقى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك ۋە باشقا جايلىرىدىكى «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى» دەپ بىلىنگەن ئۆكتىچى خىتايلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە ھەتتا ئۇيغۇر ھەم تىبەتلەر ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ۋە قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ بەش كىشى لىن چىمىڭ (59)، ۋاڭ شۇجۈن (73)، ليۇفەن (62)، مەتتوۋ زىبۇرىس (49) ۋە خىتاي پۇقراسى بولغان سۇن كۈيياڭ (40) قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇلار ھەققىدە تەييارلانغان ئايرىم-ئايرىم 3 ئەيىبنامىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كىشىلەر ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ۋە باشقا شىتاتلاردىكى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ياخشى كۆرمەيدىغان خىتاي ئۆكتىچىلەر، ئۇيغۇرلار، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى تەقىب قىلىش، ئۇچۇر توپلاش، خىتاينىڭ ج خ تارماقلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، بەدنام چاپلاش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ھەتتا سۇيقەست پىلانلاشتەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆججىتىگە قارىغاندا، جاۋابكارلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دېموكراتىيەنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى ياكى خىتاي ياخشى كۆرمەيدىغان شەخسلەرنى نىشانلاپ، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشقا ماسلاشقان. بۇ پىلانلارنىڭ بىرىدە، ئۇلار 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى بولغان، كېيىن ئامېرىكاغا كېلىپ ئورۇنلاشقان بىر خىتاي ئۆكتىچىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا نامزات بولۇش پائالىيەتلىرىنى بۇزۇشقا ۋە سايلامغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغان. بۇ پىلانلارنىڭ يەنە بىرىدە، جاۋابكارلاردىن ئۈچى لوس-ئانژېلېستا ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي ئۆكتىچى رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىنى يوقىتىشنى پىلانلىغان ھەمدە رەسسامنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە ماشىنىسىغا كۆزىتىش ئاپاراتى ئورناتقان.

73 ياشلىق ۋاڭ شۈجۈن بولسا ئۇزۇن يىل نيۇ-يوركتا ياشىغان بولۇپ، دېموكراتچى قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ئۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئۆكتىچىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرى، پائالىيەتلىرى ۋە ھەتتا پائالىيەتلەردە سۆزلىمەكچى بولغان نۇتۇقى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن، ئۇنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا يوللاپ بەرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىمۇ تەقىب قىلغان. ئۇ ئالاقە قىلغان بىر خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى خوڭكوڭغا قايتقاندىن كېيىن، خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بۆلۈمىنىڭ باش تەپتىش ياردەمچىسى ماتېۋ گ. ئولسېن بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش پىلانى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە زىيان سالىدۇ. ئۇلار ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىغا زىت، بىز ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ بۇنداق ھەرىكەتلەرگە يول قويمايمىز. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكالىقلارنىڭ ۋە ئامېرىكىدا ياشاش، ئىشلەش ۋە ئوقۇشقا كەلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. بىز ھەر قانداق بىر چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا، قانۇنلىرىمىزنىڭ قوغدىلىشىنى رەت قىلىشىغا، شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياكى ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىغا يول قويمايمىز.»