«مەككەنزىي شىركىتى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئىدارە قىلىپ باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى بويىچە دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان «مەككەنزىي شىركىتى» يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا مۇئامىلىسىدە بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سوت ھۆججەتلىرىدە مەزكۇر شىركەتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى (بەش بۇرجەكلىك بىنا) ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى باشقۇرۇش ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. نەتىجىدە ئوخشىمىغان تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشىغا يول قويۇپ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت 2020-يىلى ئىيۇل ئېيىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىزنىڭ خىتايدىكى ھۆكۈمەت بىلەن ياكى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ھېچقانداق سودا ئالاقىمىز يوق» دېگەن. بۇ مەزمۇندىكى جاۋاب شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە قېتىملىق مۇنبەردىمۇ تەكرارلانغان. ئەمما «مەككەنزىي شىركىتى» نىڭ ۋەيران بولۇشى ھەققىدىكى سوت ھۆججەتلىرى بۇ شىركەتنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغان.

ماركو رۇبيو بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «مەككەنزىي شىركىتى بۇ مەسىلە توغرىسىدا ماڭا بىرنەچچە قېتىم يالغان ئېيتقان. نۆۋەتتىكى بۇ يالغانچىلىق مەزكۇر شىركەتنىڭ ھېچقانداق ئىشەنچلىك دەرىجىسى قالمىغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ئەمدى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ياكى ئىستىخبارات ئورگانلىرىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرۇشىغا ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالمىدى،» دېگەن.

ھالبۇكى، مەككەنزىي شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋىتىدە بولدۇق. ھېچقاچان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشمىدۇق» دېگەن. ئەمما ئانالىزچىلار مەككەنزىي شىركىتى بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولغان «ئۆلكە دەرىجىلىك» شىركەتلەرنىڭ كاتتىباشلىرى كۆپىنچە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىكەن.