ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋال-سىترىتنى خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىن چەكلەش كويىغا چۈشكەن

ئالدىنقى ھەپتە، بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشتىن چەكلىگەنىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ تونۇلغان يازغۇچىسى جوش روگىننىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان «ئامېرىكىلىقلار خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە ئۆزلىرىمۇ بىلمەستىن مەبلەغ سالماقتا» ناملىق مۇلاھىزىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەمدى خىتاي ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇلىدىن پايدىلىنىشىغا يول ئېچىۋاتقان يەنە بىر يوچۇقنى ئېتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ۋال كوچىسىدىكى (ۋال-سىترىت) مەبلەغ باشقۇرۇش شىركەتلىرىنى ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇلى بىلەن خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشتىن توسۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى كونكرېت كەسىپلەرگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكانىڭ پېنسىيە فوندى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت فوندى قاتارلىق چوڭ ئورگان مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى يېتەكلەيدىغان غايەت زور ۋال كوچىسىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى ھەل قىلمايدىكەن.

مەسىلەن، ۋال سىترىت كۆرسەتكۈچ مەبلىغى ئىچىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ياكى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىغا قاتناشقان دەپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئون نەچچە شىركەت بار بار بولۇپ، يېقىندا مايك گاللاگېر باشچىلىقىدىكى مەجلىس ئەزالىرى ۋال-سىترىتتىكى ئىككى چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى بولغان BlackRock ۋە MSCI رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ فوندىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

چۈنكى، خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتى (AVIC)، خىتاي ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي دۆلەتلىك پاراخوت ياساش شىركىتى ھەمدە ئامېرىكا تەرىپىدىن يادرو تېخنىكىسىنى خىتاي ئارمىيەسىگە يۆتكەشكە ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلەنگەن «CGN Power» چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەممىسى بىۋاسىتە ياكى تارماق شىركەتلىرى ئارقىلىق MSCI ۋە BlackRock فوندىغا چېتىلىدىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ۋاسىتىلىك ھالدا پۇل تاپشۇرۇۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

شۇڭا ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى مانا بۇ يوچۇقنى ئېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئامېرىكالىقلارنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان بېرىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بىخۇدلارچە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەشنى نىشان قىلغان.