خىتاي كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قىينىلىۋاتقان بىر پەيتتە، 2023-يىلى خىتايغا بىۋاسىتە سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى 1990-يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى 18-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا خىتايغا ئۆتكەن يىلى بىۋاسىتە سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئالدىنقى يىلقىدىن 82 پىرسەنت ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، بۇ خىتايغا بىۋاسىتە سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغىنىڭ 1990-يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قېلىشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا، 2023-يىلى خىتايغا بىۋاسىتە سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغىنىڭ 33 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىمى چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئېقىشىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كەڭ پائالىيەت دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن، باشقا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش كۆرسەتكۈچلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ تۇراقسىز ئىكەن. خىتايغا سېلىنغان بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قېلىشى، بېيجىڭ ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى، ئىچكىي ئىستېمالنىڭ ئاجىزلىشىشى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەپ، ئىقتىسادنىڭ تۇرغۇن ھالىتىنى قايتا جانلاندۇرۇشتا قىينىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان.
خىتاي تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا، 2023-يىلنىڭ 4-پەسلىدە خىتايغا سېلىنغان بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ كۆپىيىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكى، 17 مىليارد 400 مىليون دوللار مەبلەغنىڭ بۇ مەزگىلدە سېلىنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. گېرمانىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، 2023-يىلى خىتايغا بىۋاسىتە مەبلەغ سالغۇچىلار ئىچىدە گېرمانىيە شىركەتلىرى ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيەنىڭ خىمىيە سانائەت شىركىتى BASF كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ۋولكىسۋاگېن شىركىتىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سودا پائالىيىتىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.