سابىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى دۆلەت مەجلىسىنى پىرېزىدېنت بايدىننىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى قوللاشقا چاقىردى

ئامېرىكىنىڭ پارتىيەلەر ھالقىغان سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى 16-ئاۋغۇست دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان خىتاينىڭ بىر قىسىم ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى قوللاشقا ھەمدە مەزكۇر مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا يېتەرلىك سېلىنما ئاجرىتىشقا چاقىرغان.

پىرېزىدېنت بايدىن ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان مەمۇرىي بۇيرۇقتا ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى قوللايدىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن. مەمۇرىي بۇيرۇقتا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئامېرىكا مەبلىغىنى خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، مىكرو-ئېلېكترونىك، كىۋانت ئۇچۇر تېخنولوگىيەسى ۋە بەزى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى قاتارلىق ساھەلىرىگە سېلىشنى چەكلەش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مەت پوتېنگېر، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كولىن كۆل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 نەپەر سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە يوللىغان كوللېكتىپ مەكتۇپتا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىنى «دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئامېرىكا مەبلىغىگە ئىگە بولۇۋېلىشىنى چەكلەيدىغان كېچىككەن باسقۇچتىكى ئىجابىي قەدەم» دەپ كۆرسەتكەن. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا چوقۇم (خىتاي) ۋە باشقا چەتئەللىك رەقىبلەرنىڭ بىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە ھاياتىي كۈچىمىز ۋە ئوچۇق-ئاشكارالىقىمىزدىن پايدىلىنىپ، بۇنى بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز ۋە گۈللىنىشىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان يوللاردا ئىشلىتەلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.»

خەتتە يەنە چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ۋە تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلۇشى دۆلەت مەجلىسىنىڭ «تاشقى سىياسەتتىكى تۈپ نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇشى كېرەكلىكى» ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەمۇرى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن سېلىنما ئاجرىتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەكتۇپى كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان كۆپ سانلىقلار رەھبىرى چاك شۇمېر (Chuck Schumer) ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا رەئىسى كەۋىن مىككارتى (Kevin McCarthy) غا يېزىلغان ئىكەن.