خىتاي زىيالىيلىرى مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شۈ جىيۇڭنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خىتايدىكى 400 دىن ئارتۇق زىيالىي بىرلەشمە مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شۈ جىيۇڭنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مۇراجەتنامىدە، شۇ جىيۇڭ قاتارلىقلارنىڭ مۆتىدىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ، «يېڭى پۇقرالار ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىشى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35-ماددىسىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «شۈ جىيۇڭغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىش خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنى دەپسەندە قىلغانلىق» دېگەن بايانلار بېرىلدى. مۇراجەتنامىدە يەنە، دائىرىلەردىن شۈ جىيۇڭنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ئۇچۇر كونتروللۇقىنى بىكار قىلىپ، مەتبۇئاتلارنىڭ شۈ جىيۇڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئەركىن بېرىشىگە رۇخسەت قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

بېيجىڭ پوچتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شۈ جىيۇڭ بۇلتۇر 11-ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «مۇقىملىق خىزمىتى» نى تەنقىدلىگەن. شۈ جىيۇڭ يەنە بۇ يىل ئەتىيازدا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن 3 ئايدىن بۇيان ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 16-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئىدى.